ھەممە ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ سەۋەبچىسى شەيتانمۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا نېمە ئېيتىلىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتىن شەيتاننىڭ مەۋجۇت شەخس ئىكەنلىكى ۋە جىنايەتچىلەر توپىنىڭ يېتەكچىسىگە ئوخشاش «ساختا مۆجۈزىلەر» بىلەن «ئالدامچىلىقنى» قوللىنىپ، ئۆز مەقسىتىگە يېتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. ھەقىقەتەن، «شەيتان ئۆزى يورۇقلۇق پەرىشتىسىنىڭ قىياپىتىگە كىرىدۇ» (سالونىكىلىقلارغا 2-خەت 2:9، 10؛ كورىنتلىقلارغا 2-خەت 11:14). شەيتاننىڭ مەۋجۇت شەخس ئىكەنلىكىنى ئۇ كەلتۈرگەن زىياندىن كۆرۈشكە بولىدۇ.
شۇنداق بولسىمۇ، شەيتان ھەممە ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ سەۋەبچىسى ئەمەس. نېمىشقا شۇنداق دەپ ئېيتساق بولىدۇ؟ خۇدا ئادەملەرنى تاللاش ئەركىنلىگى، يەنى ياخشىلىق ياكى يامانلىق قىلىشنى قارار قىلىش قابىلىيىتى، بىلەن ياراتقان (يەشۇئا 24:15). بىز ناتوغرا قارار چىقارساق، ئۇنىڭ يامان ئاقىۋېتىنى كۆرۈمىز (گالاتىلىقلارغا 6:7، 8).