ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن
8. ئۈلگە كۆرسىتىش
دېگەن نېمە؟
ئاتا-ئانا ئۆزى ئۆگىتىۋاتقان نەرسىلەرگە ماس ھايات كەچۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، كىمدۇ-بىرسى ئىشىك چەكسە، سىز كۆرۈشۈشنى خالىمىسىڭىز ھەمدە: «مېنى ئۆيدە يوق، دەپ قوي»،— دېگەن سۆزلىرىڭىزنى ئوغلىڭىز ئاڭلىسا، ئۇنىڭدىن راستچىل بولۇشنى كۈتۈش قىيىن بولىدۇ.
«دېگىنىمنى قىل، قىلغىنىمنى قىلما» دېگەن سۆزلەر كەڭ تارقالغان. لېكىن، شۇنداق دېيىش ناتوغرا. بالىلار خۇددى پاختىغا ئوخشاش، قىلغان ھەممە گەپ-سۆزلىرىمىزنى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى ئۆزلىرىگە سىڭدۈرۈپلاۋالىدۇ. ئەگەر قىلغان ئىشلىرىمىز ئۆگىتىۋاتقانلىرىمىزغا ماس كەلمىسە، ئۇلار بۇنى چوقۇم بىزگە ئېيتىدۇ» (دېيۋىد).
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «سەن باشقىسىغا ئۆگىتىپ، ئۆزۈڭگە ئۆگەتمەمسەن؟».—رىملىقلار 2:21.
نېمە ئۈچۈن بۇ مۇھىم؟
ئېنىقكى، بالىلارغا ۋە ھەتتا ئۆسمۈرلەرگە باشقىلارنىڭ، يەنى تەڭتۇشلىرىنىڭ ئۈلگىسىگە قارىغاندا، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۈلگىسى كۆپرەك تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا، سىز بالىلىرىڭىزغا توغرا يول كۆرسىتىشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىسىز ۋە ئۆگىتىۋاتقانلىرىڭىزغا چوقۇم ئۆزىڭىزمۇ ئەمەل قىلىشىڭىز زۆرۈر.
«سىز بىر نەرسىنى يۈز قېتىم قايتىلاپ، بالام قۇلاق سېلىۋاتامدۇ دەپ ئويلايسىز. ئەمما، بىر قېتىم ئۆزىڭىز دېگىنىڭىزدەك قىلمىسىڭىز، بالىڭىز بۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بالىلارنىڭ قىلىۋاتقان بارچە ئىشلىرىمىز بىلەن چاتىقى يوق دەپ ئويلاپ يۈرسەكمۇ، لېكىن ئۇلار ھەممىنى بايقايدۇ» (نىكول).
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: بىر ئادەمدە «يۇقىرىدىن چۈشكەن دانالىق ... ساختىپەز ئەمەستۇر».—ياقۇپ 3:17؛ ي.د.
نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ: سىز قانداق فىلىملەرنى كۆرىسىز؟ سىز ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز ۋە بالىلىرىڭىزغا قانداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ سىزنىڭ دوستلىرىڭىز كىملەر؟ باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلەمسىز؟ بىر سۆز بىلەن ئېيتساق، بالىلىرىڭىزنىڭ سىزگە ئوخشاش بولۇشىنى خالامسىز؟
«ھەمراھىم ئىككىمىز بالىلىرىمىزدىن ئۆزۈمىز ئەمەل قىلمايدىغان ئۆلچەملەر بويىچە ياشاشنى تەلەپ قىلمايمىز» (كرىستىن).
خاتالىقلىرىڭىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراڭ. پەرزەنتلىرىڭىز نامۇكەممەل ئىكەنلىكىڭىزنى ياخشى بىلىدۇ. جۈپتىڭىز ۋە بالىلىرىڭىزدىن كەچۈرۈم سورىسىڭىز، سىز راستچىل بولۇش ۋە باشقىلارنى ھۆرمەتلەشتە ئۈلگە كۆرسىتىسىز.
«بالىلىرىمىز ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىزنى ئىقرار قىلغانلىقىمىزنى ۋە ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورىغىنىمىزنى ئاڭلىشى كېرەك. ئەگەر شۇنداق قىلمىساق، ئۇلار ئۆز خاتالىقلىرىنى ئىقرار قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ» (روبىن).
«ئاتا-ئانا بولۇپ، بىز پەرزەنتلىرىمىزگە كۈچلۈك تەسىر قىلىمىز. تەلىم-تەربىيە بېرىشتە، كۆرسەتكەن ئۈلگىمىز ئەڭ كۈچلۈك قورال. چۈنكى، ئۇلار بۇنى دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ. بىز خۇددى دائىم ئوچۇق تۇرىدىغان كىتابقا ئوخشاش، بالىلىرىمىز قالدۇرغان ئۈلگىمىزدىن دائىم ساۋاق ئالىدۇ» (ۋېندېل).