پەيغەمبەرلەردىن ئاللا ھەققىدە ئۆگىنەلەيمىز
ئۆتمۈشتە، ئاللا ئۆز پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ئىنسانلارغا مۇھىم خەۋەرلەرنى يەتكۈزگەن. شۇ خەۋەرلەر ياراتقۇچىنىڭ بەرىكەتلىرىگە قانداق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە. ھازىر ئۈچ سادىق پەيغەمبەردىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.
ئىبراھىم پەيغەمبەر
پەرۋەردىگار ھەر بىر ئىنسانغا تەڭ قارايدۇ ۋە بارچە ئىنسانىيەتنى بەرىكەتلەشنى خالايدۇ.
تەڭرى ئىبراھىم پەيغەمبەرگە: «سەن ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارچە خەلقلەر بەرىكەت تاپىدۇ»، دېگەن.—يارىتىلىش 12:3.
بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ خۇدا ھەممە ئادەملەرنى، مەيلى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار بولسۇن، بەك ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنىدىغان ھەر بىر كىشىنى بەرىكەتلەشنى خالايدۇ
مۇسا پەيغەمبەر
مېھىر-شەپقەتلىك ياراتقۇچى ئۇنى تونۇشقا ئىنتىلىدىغان كىشلەرنى بەرىكەتلەيدۇ.
ھەممىگە قادىر ئاللا ئۆز خىزمەتچىسى مۇسا پەيغەمبەرگە ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىش كۈچ-قۇدرىتىنى بەرگەن. شۇنداق بولسىمۇ، مۇسا پەيغەمبەر كەمتەرلىك بىلەن خۇدادىن: «سېنى تونۇشۇم ئۈچۈن ۋە داۋاملىق نەزىرىڭدە ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈن، ماڭا ئۆز يوللۇرۇڭنى كۆرسىتىپ بەر»،— دەپ ئۆتۈنگەن (چىقىش 33:13). خۇدا مۇسانىڭ ئۆتۈنۈشىدىن خۇرسەن بولغان ۋە ئۇنىڭغا ئۆز يوللىرىنى ۋە ئېسىل پەزىلەتلىرىنى تونۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت بەرگەن. مەسىلەن، مۇسا پەيغەمبەر ياراتقۇچىنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل ئىكەنلىكىنى بىلگەن.—چىقىش 34:6، 7.
بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ ئەگەر بىز پەرۋەردىگارنى ياخشىراق تونۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارساق، ئۇ ھەربىرىمىزنى مول بەرىكەتلەيدۇ. مۇقەددەس يازمىلار ئارقىلىق، ياراتقۇچى ئۆزىگە قانداق توغرا ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ۋە بىزنى بەرىكەتلەشكە تەشنالىقىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
ئەيسا پەيغەمبەر
ئەيسا ئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭ ئىشلىرى ۋە تەلىملىرى ھەققىدە ئۆگەنسەك، ئاللانىڭ ئەبەدىي بەرىكەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايمىز.
مۇقەددەس يازمىلاردا ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى ۋە تەلىملىرى ھەققىدە كۆپلىگەن تەپسىلاتلار يېزىلغان. خۇدا ھەزرىتى ئەيساغا زور مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىش، شۇ جۈملىدىن كۆزى كۆرمەس، قولىقى ئاڭلىماس ۋە ئاقساق-توكۇر كىشىلەرنى ساقايتىش كۈچىنى بەرگەن. ھەزرىتى ئەيسا ھەتتا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرگەن. ئۇ مۆجىزىلىرى ئارقىلىق كېلەچەكتە ياراتقۇچىنىڭ ئىنسانىيەتنى قانداق بەرىكەتلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە شۇ بەرىكەتلەرگە ئېرىشىشنىڭ يولىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، سەن يېگانە ھەق خۇدانى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇش كېرەك».—يۇھاننا 17:3.
ئەيسا پەيغەمبەر كۆيۈمچان، مۇلايىم ۋە ئاقكۆڭۈل بولغان. ئۇنىڭ: «مۇلايىم ۋە كەمتەرمەن. شۇڭا، مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمغا كىرىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ» دېگەن تەكلىپىنى، ئەر ۋە ئايال، ياش ياكى ياشانغانلار قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشكەن (مەتتا 11:29). ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا كىشىلەر ئاياللارغا ناچار مۇئامىلە قىلاتتى، ئەمما ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن ئاياللارغا ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسەتكەن.
بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ ئەيسا پەيغەمبەر ئىنسانلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن. ئۇ بىزگە باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئېسىل ئۈلگىسىنى قالدۇرغان.
ئەيسا ھەممىگە قادىر خۇدا ئەمەس
مۇقەددەس يازمىلاردىن پۈتكۈل ئالەمنى ياراتقان خۇدا يەككە-يېگانە ۋە ئەيسا ئەلەيھىسسالام بولسا ئۇنىڭ كەمتەر پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز (1-كورىنتلىقلار 8:6). ئەيسا پەيغەمبەر ھەممىگە قادىر ئاللانىڭ ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.—يۇھاننا 11:41، 42؛ 14:28 a.
a ئەيسا پەيغەمبەر ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، www.isa4310.com تور بېكىتىدىكى «بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇچى — ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقاد!» ناملىق كىتابچىنىڭ 8، 9-بەتلىرىگە قاراڭ.