ئاللانى خۇرسەن قىلىدىغان دۇئا
دۇئا — ياراتقۇچىمىز ئىنسانلارغا ئۆزگىچە سوۋغات. دۇئا ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭغا ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى ئېيتالايمىز. داۋۇت پەيغەمبەر دۇئا قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەي سەن دۇئانى ئاڭلىغۇچى، ھەر تۈرلۈك ئىنسانلار ھۇزۇرۇڭغا كېلەر» (زەبۇر 65:2). لېكىن، ئاللانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن قانداق دۇئا قىلساق بولىدۇ؟
چىن يۈرەكتىن، كەمتەرلىك بىلەن دۇئا قىلىڭ
دۇئادا ئۆز سۆزلىرىڭىز بىلەن خۇداغا ئىچ-باغرىڭىزنى تۆكۈڭ (زەبۇر 62:8). ئالەمنىڭ ئېگىسى چىن يۈرەكتىن ئېيتىلغان سەمىمىي دۇئالاردىن خۇرسەن بولىدۇ.
ئاللانىڭ خاس ئىسمىنى چاقىرىپ دۇئا قىلىڭ
ئاللانىڭ ياراتقۇچى، ھەممىگە قادىر، پەرۋەردىگار قاتارلىق نام-ئۇنۋانلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئۆزىگە خاس بىرلا ئىسمى بار. ئۇ ئۆزى: «مەن يەھۋامەن، بۇ مېنىڭ ئىسىمىمدۇر»، دېگەن (يەشايا 42:8). خۇدانىڭ ياھۋەھ ياكى يەھۋا دېگەن ئىسمى مۇقەددەس يازمىلاردا تەخمىنەن 7000 قېتىم ئۇچرايدۇ. كۆپ پەيغەمبەرلەر دۇئا قىلغاندا، ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن خۇدانىڭ خاس ئىسمىنى قوللانغان. مەسىلەن، ئىبراھىم پەيغەمبەر دۇئا قىلىپ: «ئۆتۈنەي، يەھۋا! خاپا بولمىساڭ، يەنە سوراپ باقسام»،— دەپ ئېيتقان (يارىتىلىش 18:30). بىزمۇ دۇئا قىلغاندا، ئاللانىڭ «يەھۋا» دېگەن ئىسمىنى ئىشلىتەيلى.
ئانا تىلىڭىزدا دۇئا قىلىڭ
مەيلى بىز قايسى تىلدا سۆزلەيلى، ياراتقۇچى ئوي-پىكىرلىرىمىز ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى ياخشى چۈشىنىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «خۇدا ھەممىنى تەڭ كۆرىدىكەن. قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭدىن قورقۇپ، توغرا ئىشلارنى قىلىدىغان ھەرقانداق كىشىنى قوبۇل قىلىدىكەن».—ئەلچىلەر 10:34، 35.
بىراق، ئاللانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن دۇئا قىلىشتىن تاشقىرى يەنە باشقا ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك. بۇ توغرۇلۇق كېلەركى ماقالىدە كۆرۈپ چىقىمىز.