مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئاللانىڭ ئە‌مىرلىرىگە بويسۇ‌نساق،‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرىمىز

ئاللاغا بويسۇ‌نغانلار بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىدۇ

ئاللاغا بويسۇ‌نغانلار بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىدۇ

مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر:‏ «خۇ‌دايىڭلار يە‌ھۋانىڭ ئە‌مرلىرىگە ئە‌مە‌ل قىلساڭلار،‏ بە‌رىكە‌ت تاپىسىلە‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 10:‏13؛‏ 11:‏27‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن پە‌رۋە‌ردىگارغا بويسۇ‌نىمىز؟‏ ئۇ‌نىڭ جازاسىدىن قېچىش ئۈچۈنمۇ؟‏ ياق.‏ ئۇ‌نىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى بىزنى جە‌لپ قىلغاچ،‏ ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نىمىز.‏ بىز خۇ‌دانى سۆيگە‌چ،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى رە‌نجىتىدىغان ئىشلاردىن نېرى تۇ‌رىمىز.‏ «خۇ‌دانى سۆيۈش ئۇ‌نىڭ ئە‌مرلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌ش دېمە‌كتۇ‌ر».‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3‏.‏

ئە‌مما،‏ ھازىر خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ ئېرىشىدىغان بە‌رىكە‌تلە‌ردىن ئىككىسىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

1.‏ ئاللاغا بويسۇ‌نۇ‌ش دانا قىلىدۇ

‏«ساڭا پايدىلىق بولغاننى ئۆگە‌تكۈچىمە‌ن،‏ سېنى مېڭىشىڭ كېرە‌ك بولغان يولدا يېتە‌كلىگۈچىمە‌ن».‏—‏يە‌شايا 48:‏17‏.‏

پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا بىزنى ياخشى بىلىدۇ ۋە بىزگە كېرە‌كلىك يول-‏يورۇ‌قنى بېرىدۇ.‏ بىز دانا قارارلارنى چىقىرىشنى خالىساق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىن ئاللانىڭ بىزدىن نېمىلە‌رنى تە‌لە‌پ قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىشىمىز ۋە شۇ بىلىملە‌رگە ماس ھايات كە‌چۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏

2.‏ ياراتقۇ‌چىغا بويسۇ‌نۇ‌ش بە‌ختلىك قىلىدۇ

‏«خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئە‌مە‌ل قىلغانلار بە‌ختلىكتۇ‌ر!‏».‏—‏لۇ‌قا 11:‏28‏.‏

بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان ئىنسانلار ئاللانىڭ سۆزىگە ئىتائە‌ت قىلىپ،‏ ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىقتىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ۋاتىدۇ.‏ ئىسپانىيە‌دىكى بىر كىشىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ قېنى قىزىق ئادە‌م ئىدى ۋە باشقىلارغا،‏ ھە‌تتا ئايالىغىمۇ قوپال مۇ‌ئامىلە قىلغان.‏ ئۇ بىر كۈنى مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر يازغان كىتابتىن ياقۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ كە‌متە‌ر ئوغلى يۈسۈپ ھە‌ققىدە ئوقۇ‌پ قالدى.‏ يۈسۈپ قۇ‌للۇ‌ققا سېتىلغان ۋە ناھە‌ق زىندانغا تاشلانغان ئىدى.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ كە‌متە‌ر،‏ تىنچلىقپە‌رۋە‌ر ۋە كە‌چۈرۈمچان بولغان (‏يارىتىلىش 37—‏45-‏بابلار‏)‏.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يۈسۈپنىڭ مىسالى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش مېنى كە‌متە‌رلىك ۋە ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشقا ئوخشاش خىسلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشكە ئۈندىدى.‏ مانا،‏ ئە‌مدى خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرۈۋاتىمە‌ن».‏

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا يە‌نە باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىش ھە‌ققىدە نۇ‌رغۇ‌ن مە‌سلىھە‌تلە‌ر بار.‏ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق كېلە‌ركى ماقالىدە كۆرۈپ چىقىمىز.‏