خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟
سىز ئىلگىرى خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە ئاڭلاپ باققانمۇ؟ ئۇ پادىشاھلىق ھەققىدە بىلىم ئېلىش ھەر بىرىمىز ئۈچۈن بەك مۇھىم!
مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟
بۇ خۇدا ئاسماندا قۇرغان بىر ھۆكۈمەت ۋە ئەيسا مەسىھ پادىشاھ سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.—يەشايا 9:6، 7؛ مەتتا 5:3؛ لۇقا 1:31–33.
خۇدا پادىشاھلىقى نېمە ئىشلار قىلىدۇ؟
بارچە يامانلىقلارنى يوق قىلىدۇ ۋە يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنى مەڭگۈلۈك تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىدۇ.—دانىيال 2:44؛ مەتتا 6:10.
بىز نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟
خۇدا پادىشاھلىقىنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز ۋە پەقەت بۇ پادىشاھلىق يەر يۈزىدە خۇدا خالىغاندەك گۈزەل شارائىتلارنى بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك.—مەتتا 6:33؛ 13:44.