خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى كىم؟
خۇدا مۇقەددەس يازمىلارغا، كىم خۇدا پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھى بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرەلەيدىغان بەزى تەپسىلاتلارنى يازدۇرغان. ئۇلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
-
خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان. «مەن ئۆزۈم تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم پادىشاھىمنى. … ساڭا بېرىمەن مىللەتلەرنى مىراس قىلىپ، پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ بولۇڭ-پۇچقاقلىرىنى مۈلۈك قىلىپ».—زەبۇر 2:6، 8.
-
پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەخت ۋارىسى. «بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلدى، بىزگە بىر ئوغۇل بېرىلدى. … داۋۇتنىڭ تەختىدە ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىدا تىنچلىقنىڭ چېكى بولمايدۇ، پادىشاھلىقىنى ھازىردىن ئەبەدغىچە ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق ئارقىلىق مۇستەھكەم تىكلەيدۇ».—يەشايا 9:6، 7.
-
بەيتلەھەمدە تۇغۇلغان. «سەن، ئەي بەيتلەھەم-ئەفراتا، … سەندىن چىقار مەن ئۈچۈن ئىسرائىلدا ھۆكۈمران بولغۇچى، … ئەمدى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتەر».—مىكاھ 5:2، 4.
-
ئىنسانلار ئۇنى رەت قىلغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن. «ئۇ كەمسىتىلدى، بىز ئۇنى ئادەم قاتارىدا كۆرمىدۇق. … ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن، ئۇ سانجىلىدى؛ خاتالىقلىرىمىز ئۈچۈن ئۇرۇپ-سوقۇلدى».—يەشايا 53:3، 5.
-
تىرىلدۈرۈلگەن ۋە ئۇلۇغلانغان. «سەن مېنىڭ جېنىمنى گۆردە تاشلاپ قويمايسەن، ساڭا سادىق خىزمەتچىڭنىڭ گۆردە چىرىپ كېتىشىگە يول قويمايسەن. … مەڭگۈلۈك بەخت-سائادەت باردۇر ئوڭ قولۇڭدا».—زەبۇر 16:10، 11.
ئەيسا مەسىھ ھۆكۈمران بولۇشقا ئەڭ لايىقتۇر
يەر يۈزىدە ياشىغان بارچە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت ئەيسا مەسىھ مۇكەممەل ھۆكۈمران بولالايدۇ. پەرىشتە ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەمگە مۇنداق دېگەن: «يەھۋا خۇدا ئۇنىڭغا ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىنى بېرىدۇ. … ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ چېكى بولمايدۇ».—لۇقا 1:31–33.
ھەزرىتى ئەيسا ھېچقاچان يەر يۈزىدە ھۆكۈمران بولۇپ باقمىغان. ئەمما، ئۇ كەلگۈسىدە خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ئاسماندا يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇ ھۆكۈمران بولۇشقا ئەڭ لايىق ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىمىز؟ ھەزرىتى ئەيسا يەر يۈزىدە بولغاندا، نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:
-
مەتتا 9:36؛ ماركۇس 10:16). ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشى: «ئەگەر خالىسىڭىزلا، سىز مېنى پاك قىلالايسىز»،— دەپ يالۋۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، ئۇنى ساقايتقان.—ماركۇس 1:40–42.
ئەيسا پەيغەمبەر ئادەملەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھالىدىن خەۋەر ئالغان. ئۇ ئادەملەرنىڭ كېلىپ چىقىشى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەيلى ئەر ياكى ئايال، ياشانغان ياكى ياش بولسۇن، ھەممىسىگە ياردەم بەرگەن ( -
ئەيسا پەيغەمبەر ئىنسانلارغا خۇدانى قانداق خۇرسەن قىلىشنى ئۆگەتكەن. ئۇ: «ھېچكىم بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خوجايىنغا تەڭلا خىزمەت قىلالمايدۇ» ۋە «باشقىلارنىڭ سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى خالىساڭلار، ئۇلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار»،— دەپ تەلىم بەرگەن. ھەزرىتى ئەيسا يەنە، خۇدانىڭ پەقەت ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە ئەمەس، بەلكى ئوي-پىكىرلىرىمىز ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇڭا، خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن چوقۇم قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى كونترول قىلىشىمىز كېرەك (مەتتا 5:28؛ 6:24؛ 7:12). ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ھەقىقىي خۇشاللىق تېپىشىمىز ئۈچۈن، چوقۇم يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ماس ياشىشىمىز لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.—لۇقا 11:28.
-
ئەيسا مەسىھ چىن سۆيگۈ-مۇھەببەت ھەققىدە تەلىم بەرگەن. ھەزرىتى ئەيسانىڭ گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغانلارنىڭ قەلبىگە كۈچلۈك تەسىر قىلغان. «كۆپچىلىك ئۇنىڭ تەلىمىدىن ئىنتايىن ھەيران بولدى. چۈنكى، ئۇ تەۋرات ئۇستازلىرىدەك ئەمەس، خۇدا ئەۋەتكەن كىشىدەك تەلىم بەرگەن ئىدى» (مەتتا 7:28، 29). ئەيسا ئۇلارغا: «دۈشمەنلىرىڭلارنى سۆيۈڭلار»،— دەپ ئۆگەتكەن (مەتتا 5:44). ئۇ ھەتتا ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە جاۋابكار بولغان بەزى ئادەملەر ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلغان: «ئەي ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ».—لۇقا 23:34.
ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم بۇ دۇنيادا ئەڭ ياخشى ھۆكۈمران بولۇشقا لايىق ئەمەس. ئۇ ئادەملەرنىڭ غېمىنى يەيدىغان ۋە مېھرىبان ھۆكۈمراندۇر. بىراق، ئۇ يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى قاچان باشلايدۇ؟