سىز بىلەمسىز؟
قەدىمدە غۇجىدار قانداق ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغان؟
قەدىمدە غۇجىدارلار بىرىنىڭ ئۆيىنى ياكى مال-مۈلكىنى باشقۇرغان. «غۇجىدار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىبرانىي ۋە گرېك سۆزلىرى بەزىدە نازارەتچى ياكى باشقۇرغۇچى دېگەننى بىلدۈرىدۇ.
ياقۇپنىڭ ئوغلى يۈسۈپ مىسىردا قۇللۇقتا بولغاندا، بىر مىسىرلىق كىشىنىڭ ئۆيىدە غۇجىدار بولغان. يۈسۈپنىڭ خۇجايىنى ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئىشەنگەنكى، ھەتتا «ھەممىنى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ» قويغان (يارىت. 39:2—6). كېيىنرەك، يۈسۈپنىڭ ئۆزىمۇ مىسىردا قۇدرەتلىك ھۆكۈمران بولغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىگىمۇ غۇجىدار تەيىنلىگەن.—يارىت. 43:16.
ئەيسانىڭ كۈنلىرىدىمۇ، يەرنىڭ ئىگىلىرى ئادەتتە شەھەرلەردە، يەنى ئۆزلىرىنىڭ دېھقانچىلىق قىلىدىغان يەر-زېمىنىدىن يىراقتا يەردە ياشىغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار ئۆز يەرلىرىدە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىدىغان ئىشچىلارنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرۇشقا غۇجىدارلارنى تەيىنلىگەن.
غۇجىدار سۈپىتىدە ئادەتتە قانداق ئادەملەرنى تاللىغان؟ بىرىنچى ئەسىردە ياشىغان رىم يازغۇچىسى كولۇمېللانىڭ ئېيتىشىچە، غۇجىدار بولۇشقا تاللانغان كىشى «دېھقانچىلىقتا تەجرىبە توپلىغان» بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ كىشى «ئىشچىلارنىڭ ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلىشىغا كۆز يەتكۈزۇشى، ئەمما شەپقەتسىز بولماسلىقى كېرەك». ئۇ يەنە: «باشقۇرغۇچى ھەممە نەرسىنى ئۆزۈم ياخشى بىلىمەن، دەپ ئويلاشتىن نېرى بولۇپ، يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە تەييار بولۇش زۆرۈر ئىدى»،— دەپ يازغان.
خۇدا سۆزىدە مەسىھىيلەر جامائىتىدە يۈز بېرىدىغان بەزى ئىشلارنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن غۇجىدار ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپىلىرى ھەققىدىكى مىسال ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن، ئەلچى پېترۇس ئېتىقادداشلارنى «تەڭرى تۈرلۈك يوللار بىلەن ئىلتىپات قىلغان قابىلىيەتلەرنى ئىشلىتىپ»، بىر-بىرىگە خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان.—1-پېتر. 4:10.
ئەيسامۇ لۇقا 16:1—8-ئايەتلەردە غۇجىدار توغرۇلۇق تەمسىلنى كەلتۈرگەن. يەنە ئۇ ئۆزىنىڭ پادىشاھ سۈپىتىدە ھازىر بولۇشى توغرۇلۇق بېشارەتتە، شاگىرتلىرىنى «سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل:» ياكى «سادىق چاكار» تەيىنلەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. سادىق چاكارنىڭ ئاساسىي خىزمىتى — ئاخىر زاماندا ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا روھىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەش (مەتتا 24:45—47؛ لۇقا 12:42). شۇ سادىق قۇل ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەيدىغان ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، ئۇلارنى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى بىزلەر ئۈچۈن يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن يەھۋاغا بەك مىننەتدارمىز!