مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

قۇشۇمچە ئىزاھات

ھەزرىتى ئەيسا دېكابىردا تۇغۇلغانمۇ؟

ھەزرىتى ئەيسا دېكابىردا تۇغۇلغانمۇ؟

مـۇقـەددەس كىتاب ئەيسانىڭ قاچان تۇغۇلغانلىقىنى بىزگە ئېيتىپ بەرمەيدۇ. بىراق، ئەيسانى دېكابىردا تۇغۇلمىغان دەپ خۇلاسە قىلىشىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئەيسا تۇغۇلغان جاي بەيتلەھەمنىڭ دېكابىردىكى ھاۋا-‏كىلىمات ئەھۋالى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. يەھۇدىي كالېندارى كىسلېۋ (نويابىر/‏ دېكابىر ئايلىرىغا توغرا كېلىدۇ) ئېيىدا ھاۋا سوغۇق ۋە يامغۇرلۇق بولىدۇ، ئاندىن كېيىن تېبېس (دېكابىر/‏ يانۋار) ئېيى كېلىدۇ. بۇ ئايدا بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا بولىدۇ. ھەتتا تاغلىق رايونلاردا ئاندا-‏ساندا قار ياغىدۇ. قېنى بىز مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاشۇ رايوننىڭ ھاۋا-‏كىلىماتى توغرىسىدا نېمە دەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

مۇقەددەس كىتابتا ئەزرا پەيغەمبەر كىسلېۋ ئېيىنىڭ ھاۋاسىنىڭ راستتىنلا سوغۇق ۋە يامغۇرلۇق بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئەزرا پەيغەمبەر:‏ توپ-‏توپ كىشىلەر «توققۇزىنچى [كىسلېۋ] ئاينىڭ يىگىرمىنچى كۈنى» يېرۇسالېمغا جەم بولغاندا، «خەلقنىڭ ھەممىسى…يامغۇر سەۋەبىدىن تىترەر ئىدى» دەپ بايان قىلغان. جامائەتنىڭ ھەممىسى مۇشۇ پەسىلنىڭ ھاۋارايى توغرىسىدا سۆزلىشىپ:‏ «قاتتىق يامغۇر ياغقاچ تالادا تۇرالمايمىز» دېيىشكەن (ئەزرا 10:‏9، 13؛ يەرەمىيا 36:‏22). دېكابىر يېتىپ كەلگەندە، بەيتلەھەمنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا پادىچىلارنىڭ كېچىدە دالىدا تۈنىمەي، پادىلىرىنى ھەم سىرتتا قالدۇرمايدىغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس!

پادىچىلار ئۆز پادىلىرى بىلەن

ئەيسا تۇغۇلغان كېچىسى، پادىچىلار ئۆز پادىلىرى بىلەن دالىدا تۈنىگەن

بىراق، ئەيسا تۇغۇلغان ئاشۇ كېچە پادىچىلار دالىدا تۈنەپ پادىلىرىدىن خەۋەر ئالغان. ئاشۇ ۋاقىتتا بەيتلەھەمگە يېقىن «يۇرتتا كېچىسى سەھرادا يېتىپ ئۆز پادىسىنى ساقلاپ تۇرغان پادىچىلار بار ئىدى» دەپ مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان (لۇقا 2:‏8-‏12). دىققەت قىلساق، ئاشۇ ۋاقىتتا پادىچىلار پەقەت كۈندۈزىلا سىرتقا چىقىپ مېڭىپ يۈرگەن ئەمەس، بەلكى دالىدا تۈنىگەن يەنى ئۇلار كېچىدە پادىلىرىنى دالىدا ساقلاپ خەۋەر ئالغان. ئاشۇ تەسۋىرلەنگەن دالىدا تۈنەش بەيتلەھەمنىڭ دېكابىردىكى سوغۇق ۋە يامغۇرلۇق ھاۋا كىلىمات ئەھۋالىغا ماس كېلەمدۇ؟ ياق، ئەسلا ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا، ئەيسا تۇغۇلغاندىكى مۇھىت، شەرت-‏شارائىت ئامىلى ئۇنىڭ دېكابىردا تۇغۇلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.*

مۇقەددەس كىتاب ئەيسانىڭ قايسى ۋاقىتتا ئۆلگەنلىكىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ قاچان تۇغۇلغانلىقى توغرىسىدا ناھايىتى ئاز بىۋاسىتە كۆرسەتمە بېرىدۇ. بۇ سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەسكە سالىدۇ:‏ «ياخشى نام بىر ئەۋزەل بىلسان [خۇشپۇراق ماي]دىن ياخشىدۇر. ئۆلىدىغان كۈن تۇغۇلغان كۈندىن ياخشىدۇر» (ۋەز 7:‏1). شۇڭا مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋەر تارقىتىشى ۋە ئۆلۈمى توغرىسىدا كۆپ تەپسىلاتلار بىلەن تەمىنلەپ، بىراق ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى توغرىسىدا ناھايىتى ئاز تەپسىلات بىلەن تەمىنلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.


*  كۆپرەك تەپسىلاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان «مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن ئەقلىي خۇلاسە قىلىش» دېگەن كىتابنىڭ 176-‏179-‏بەتكىچە قاراڭ.

→ ئەسلىدىكى باب مەزمۇنىغا قايتىش