مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

49-‏دە‌رس

بە‌خت-‏سائادە‌تلىك ئائىلە.‏ 1-‏قىسىم

بە‌خت-‏سائادە‌تلىك ئائىلە.‏ 1-‏قىسىم

يېڭى توي قىلغانلار توي كۈنى ھېس قىلغان شاد-‏خۇ‌راملىقنىڭ مە‌ڭگۈ داۋام قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.‏ بۇ ھە‌رگىزمۇ قۇ‌رۇ‌ق خام-‏خىيال ئە‌مە‌س!‏ تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رغىنىغا نۇ‌رغۇ‌ن يىللار بولغان،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ نە‌سىھىتىنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىشقا تىرىشقان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بۇ‌نىڭ مۇ‌مكىنلىكىنى بىلىدۇ.‏

1.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌رلە‌ر ئۈچۈن قانداق نە‌سىھە‌تلە‌ر بار؟‏

ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ئە‌ر كىشىنى ئائىلىنىڭ بېشى قىلىپ تە‌يىنلىگە‌ن (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏23-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ ئە‌ر كىشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە پايدىلىق قارار چىقىرىشىنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌رلە‌رگە،‏ ئاياللىرىڭلارنى داۋاملىق سۆيۈڭلار دە‌پ نە‌سىھە‌ت بېرىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏25‏)‏.‏ بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ كۆيۈمچان ئە‌ر مە‌يلى ئۆيدە ياكى ئاممىۋىي سورۇ‌نلاردا بولسۇ‌ن،‏ ئۆز ئايالىغا مېھرىبانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ.‏ ئۇ ئايالىنى زىيان-‏زە‌خمە‌تتىن قوغدايدۇ ۋە پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن جىسمانىي ۋە ھېسسىي جە‌ھە‌تتىكى ئېھتىياجلىرىنى قامدايدۇ (‏1-‏تىموتىي 5:‏8‏)‏.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئۇ ئايالىنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق ئورنىتىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏مە‌تتا 4:‏4‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ ئايالى بىلە‌ن بىرگە دۇ‌ئا قىلالايدۇ ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقالايدۇ.‏ ئە‌ر ئۆز ئايالىغا مېھرىبانلىق بىلە‌ن كۆڭۈل بۆلگە‌ندە،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىنى ساقلىيالايدۇ.‏—‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئاياللار ئۈچۈن قانداق نە‌سىھە‌تلە‌ر بار؟‏

خۇ‌دا سۆزىدە ئاياللار ئە‌رلىرىنى چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌تلىسۇ‌ن دېيىلگە‌ن (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏33‏)‏.‏ ئايال كىشى بۇ‌نى قانداق قىلالايدۇ؟‏ ئۇ ئېرىنىڭ ياخشى پە‌زىلە‌تلىرى،‏ شۇ‌نىڭدە‌ك ئۆزىگە ۋە بالىلىرىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ كۆرسە بولىدۇ.‏ ھە‌تتا ئېرى ئۆزى بىلە‌ن ئوخشاش دىندا بولمىسىمۇ،‏ ئۇ ئېرىنىڭ چىقارغان قارارلىرىنى قوللاش،‏ ئۇ‌نىڭغا مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن سۆزلە‌ش ۋە ئۇ ھە‌ققىدە باشقىلارغا ياخشى گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى ئېيتىش ئارقىلىق ھۆرمە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يدۇ.‏

3.‏ ئە‌ر-‏خوتۇ‌ن نىكاھىنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىيە‌لە‌يدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌ر-‏خوتۇ‌نلار ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ ‏«ئىككىسى بىر تە‌ن بولىدۇ»‏ (‏مە‌تتا 19:‏5‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ئۇ‌لار سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسىنى ئاجىزلاشتۇ‌رىدىغان خاھىشلارغا قارشى كۈرە‌ش قىلىشى كېرە‌ك.‏ ئۇ‌لار دائىم بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن ئۆزئارا ئوچۇ‌ق-‏ئاشكارە پىكىر ئالماشتۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق شۇ‌نداق قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋادىن باشقا ھېچكىم ياكى ھېچنېمىنىڭ ئۆز جۈپتىدىن مۇ‌ھىم بولۇ‌شىغا يول قويمايدۇ.‏ ئۇ‌لار بولۇ‌پمۇ ئۆز جۈپتىدىن باشقا كىشىلە‌ر بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌پ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قايسى پرىنسىپلار نىكاھىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌م قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىڭ.‏

4.‏ ئە‌رلە‌ر،‏ ئايالىڭلارنى سۆيۈڭلار ۋە ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىڭلار

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌رلە‌رنىڭ ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆيۈشى كېرە‌كلىكى ئېيتىلغان (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏28،‏ 29‏)‏.‏ بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

  • ئە‌رلە‌ر ئۆز ئايالىنى سۆيىدىغانلىقى ۋە ئۇ‌نىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى قايسى بە‌زى يوللار بىلە‌ن ئىپادىلىيە‌لە‌يدۇ؟‏

كولوسىلىقلار 3:‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئە‌ر كىشى بۇ پە‌زىلە‌تلە‌رنى نىكاھىدا قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏

5.‏ ئاياللار،‏ ئېرىڭلارنى سۆيۈڭلار ۋە ھۆرمە‌تلە‌ڭلار

ئېرى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلسۇ‌ن-‏قىلمىسۇ‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاياللارنى ئېرىگە ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئە‌گە‌ر ئېرىڭىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولمىسا،‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشىنى بە‌كمۇ ئۈمىد قىلىسىز.‏ سىزنىڭچە،‏ ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىشنىڭ ئە‌ڭ ئۈنۈملۈك يولى قانداق؟‏ توختىماي ئۇ‌نىڭغا ۋە‌ز قىلىشمۇ ياكى مېھرىبانلىق بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلىپ،‏ ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشمۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

ئە‌ر-‏ئاياللار بىرلىكتە ياخشى قارارلارنى چىقىرالايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بە‌زى چاغلاردا ئايالى ئېرىنىڭ قارارىغا قوشۇ‌لماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە،‏ ئۇ ئېغىر-‏بېسىق بولۇ‌پ،‏ ھۆرمە‌ت بىلە‌ن ئۆز ئوي-‏پىكرىنى ئېيتسا بولىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ چوقۇ‌م يە‌ھۋانىڭ ئە‌ر كىشىگە ئائىلە ئۈچۈن ئە‌ڭ پايدىلىق قارارنى چىقىرىش مە‌سئۇ‌لىيىتىنى تاپشۇ‌رغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرە‌ك.‏ ئۇ چوقۇ‌م ئېرىنىڭ چىقارغان قارارىنى پۈتۈنلە‌ي قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق،‏ ئۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خۇ‌شال كە‌يپىياتنى ساقلىشىغا ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشىدۇ.‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏3–‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئايال ئېرىگە ھۆرمە‌ت قىلغاندا،‏ يە‌ھۋا قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدۇ؟‏

6.‏ نىكاھىڭلاردىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭە‌لە‌يسىلە‌ر

ھېچبىر نىكاھ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئە‌ر-‏خوتۇ‌نلار قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشى لازىم.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

  • بۇ فىلىمدىكى،‏ ئە‌ر-‏ئايالنىڭ نىكاھ رىشتىسىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى نېمىدىن كۆرىنىدۇ؟‏

  • ئۇ‌لار نىكاھ رىشتىسىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن قانداق قە‌دە‌ملە‌رنى تاشلىدى؟‏

1-‏كورىنتلىقلار 10:‏24 ۋە كولوسىلىقلار 3:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ھە‌ربىر ئايە‌تنى ئوقۇ‌غاندىن كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بۇ نە‌سىھە‌تنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىش نىكاھ رىشتىسىنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى بىر-‏بىرىمىزگە ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش بىر كىشىگە مېھرىبان مۇ‌ئامىلە قىلىپ،‏ ئۇ‌نى قە‌دىرلە‌شنى كۆرسىتىدۇ.‏ رىملىقلار 12:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئۇ ماڭا ئاۋۋال ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تسۇ‌ن،‏ دە‌پ ئە‌ر-‏ئاياللار بىر-‏بىرىنى كۈتۈپ تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌كمۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئارىمىزدىكى مۇ‌ھە‌ببە‌ت سوۋۇ‌پ كە‌تتى».‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى قانداق چۈشە‌ندۈرۈپ بېرە‌لە‌يسىز؟‏

خۇ‌لاسە

ئە‌ر-‏ئايال بىر-‏بىرىنى سۆيسە،‏ بىر-‏بىرىنى ھۆرمە‌تلىسە ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى ئە‌مە‌لىي قوللانسا،‏ شاد-‏خۇ‌رام تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرە‌لە‌يدۇ.‏

تە‌كرارلاش

  • ئائىلىنىڭ بە‌ختلىك بولۇ‌شىغا ئە‌ر كىشى ئۆز ھە‌سسىسىنى قانداق قوشالايدۇ؟‏

  • ئائىلىنىڭ بە‌ختلىك بولۇ‌شىغا ئايال كىشى ئۆز ھە‌سسىسىنى قانداق قوشالايدۇ؟‏

  • توي قىلغان بولسىڭىز،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قايسى پرىنسىپ،‏ نىكاھ رىشتىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ شاد-‏خۇ‌رام تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشى ئۈچۈن بېرىلگە‌ن ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«ئائىلىڭىز بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ»‏ (‏كىتابچە)‏

خۇ‌دانىڭ نە‌سىھە‌تلىرىنى نىكاھىڭىزدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىش قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تە‌سۋىرلە‌يدىغان مۇ‌زىكىلىق فىلىمنى كۆرۈپ چىقىڭ.‏

‏«مە‌ڭگۈ سېنى سۆيىمە‌ن» (‏26:‏4‏)‏

ئە‌ر كىشىنىڭ ئائىلە بېشى بولۇ‌ش ھوقۇ‌قىنى ئېتىراپ قىلىش نېمە بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«نېمە ئۈچۈن ئاياللار باشچىلىققا بويسۇ‌نۇ‌شى كېرە‌ك؟‏»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2010-‏يىل،‏ 15-‏ماي)‏

بىر جۈپ ئە‌رـئايال ھە‌تتا نىكاھتىن ئاجرىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇ‌رمۇ‌شىدىكى ئېغىر قىيىنچىلقلارنى قانداق يە‌ڭگە‌ن؟‏

‏«بىز خۇ‌دانىڭ ياردىمى بىلە‌ن نىكاھلىق تۇ‌رمۇ‌شىمىزنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈردۇ‌ق» (‏14:‏5‏)‏