مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

34-‏دە‌رس

بىز يە‌ھۋانى سۆيىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

بىز يە‌ھۋانى سۆيىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى باشلىغاندىن بۇ‌يان ئۆزىڭىزنى خۇ‌داغا يېقىن ھېس قىلدىڭىزمۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى كۈچە‌يتىشنى خالامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ سىزنىڭ خۇ‌داغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز كۈچە‌يگە‌نسېرى،‏ ئۇ‌مۇ سىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ ۋە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ سىز خۇ‌دانى سۆيىدىغانلىقىڭىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يسىز؟‏

1.‏ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

بىز يە‌ھۋانىڭ ئە‌مىرلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈمىزنى كۆرسىتىمىز (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ ھېچكىمنى ئۆزىگە بويسۇ‌نۇ‌شقا مە‌جبۇ‌رلىمايدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ ھە‌ربىرىمىزگە تاللاش ئە‌ركىنلىكىنى بە‌رگە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا چىن دىلىمىزدىن بويسۇ‌نۇ‌شىمىزنى خالايدۇ (‏رىملىقلار 6:‏17،‏ 18‏)‏.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ ئۇ بىزنىڭ مە‌جبۇ‌رىي ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌نى سۆيگە‌نلىكىمىز ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌شىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.‏ بۇ كىتابنىڭ 3،‏ 4-‏قىسىملىرى يە‌ھۋا ياقتۇ‌رىدىغان ئىشلارنى قىلىش ۋە ئۇ ياقتۇ‌رمايدىغان نە‌رسىلە‌ردىن يىراق تۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈمىزنى كۆرسىتىشىمىزگە ياردە‌م بېرىش مە‌قسىتىدە يېزىلغان.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۆرسىتىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

‏«ئادىل كىشى دۇ‌چ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلار كۆپ بولار»‏ (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏19‏)‏.‏ ھە‌ممىمىز نامۇ‌كە‌ممە‌للىكىمىز بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىمىز.‏ يە‌نە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق،‏ ئادالە‌تسىزلىك ۋە باشقا قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىز قىيىن ئە‌ھۋالغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ دېگىنى بويىچە قىلىش قىيىن،‏ ئە‌مما ئۆزىمىزنىڭ ئوي-‏پىكىرى بويىچە قىلىش ئاساندە‌ك بىلىنىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ سىز يە‌ھۋانىڭ تە‌لە‌پ قىلغانلىرىنى ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن ئورۇ‌نلىسىڭىز،‏ ئۇ‌نى ھە‌رقانداق نە‌رسىدىن بە‌كرە‌ك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىسىز.‏ ئۆزىڭىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا سادىق ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايسىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ‌مۇ سىزگە سادىق بولىدۇ ۋە ھە‌رگىز سىزنى تاشلىمايدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 4:‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌شىڭىزنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ۋە ئۇ‌نىڭغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىزنى ساقلاشقا نېمە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

3.‏ سىز بىلە‌نمۇ باغلىنىشلىق بىر مە‌سىلە

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غىنىمىزدا،‏ شە‌يتان ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى خالىغانلارنىڭ ھە‌ممىسىنىڭ نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌تلىرىدىن گۇ‌مانلانغان.‏ ئايۇ‌پ 1:‏1،‏ 6–‏2:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • شە‌يتاننىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا،‏ ئايۇ‌پ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نغان؟‏—‏ئايۇ‌پ 1:‏9–‏11-‏ئايە‌تلە‌رنى كۆرۈڭ.‏

  • شە‌يتان بارلىق ئىنسانلارنى ۋە سىزنى قانداق ئە‌يىبلىگە‌ن؟‏ —‏ئايۇ‌پ 2:‏4-‏ئايە‌تنى كۆرۈڭ.‏

ئايۇ‌پ 27:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئايۇ‌پ يە‌ھۋانى چىن قە‌لبىدىن سۆيگە‌نلىكىنى قانداق ئىسپاتلىغان؟‏

ئايۇ‌پ يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلاپ،‏ ئۆزىنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئىسپاتلىغان

بىز يە‌ھۋاغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ساقلاش ئارقىلىق ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئىسپاتلايمىز

4.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىڭ

پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • سىز دانالىق بىلە‌ن يول تۇ‌تۇ‌پ،‏ يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نسىڭىز،‏ ئۇ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

5.‏ سىز يە‌ھۋاغا سادىق بولالايسىز

يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز بىزنى باشقىلارغا ئۇ ھە‌ققىدە ئېيتىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىمىز بىزنى قىيىن ئە‌ھۋالدىمۇ شۇ‌نداق قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

  • سىز باشقىلارغا يە‌ھۋا ھە‌ققىدە ئېيتىپ بېرىشتىن قورققانمۇ؟‏

  • كۆرگە‌ن فىلىمدا،‏ گرېيسونغا قورقۇ‌نچنى يېڭىشكە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

بىز يە‌ھۋا ياخشى كۆرگە‌ن نە‌رسىنى ياخشى كۆرۈپ،‏ ئۇ ئۆچ كۆرگە‌ن نە‌رسىنى ئۆچ كۆرسە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭغا ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلىشىمىز ئاسانراق بولىدۇ.‏ زە‌بۇ‌ر 97:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزگە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۋا نېمىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە نېمىگە ئۆچ؟‏

  • ياخشى نە‌رسىلە‌رنى سۆيۈپ،‏ يامانلىقنى ئۆچ كۆرۈشنى قانداق ئۆگىنە‌لە‌يسىز؟‏

6.‏ يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نساق،‏ پايدىسىنى كۆرۈمىز

يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌ش —‏ بىز ئۈچۈن مە‌ڭگۈ ئە‌ڭ ياخشى تاللاشتۇ‌ر.‏ يە‌شايا 48:‏17،‏ 18-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • يە‌ھۋا بىز ئۈچۈن نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌مسىز؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

  • ھازىرغىچە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە ھە‌ق خۇ‌دا،‏ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە ئۆگىنىش سىزگە قانداق ياردە‌م بە‌ردى؟‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ساۋابلىق ئىشلارنى قىلسام،‏ خۇ‌دا خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ».‏

  • قىلغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن ياكى خاپا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قايسى ئايە‌تنى قوللىنالايسىز؟‏

خۇ‌لاسە

سىز يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌ش ۋە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي سادىقلىقنى ساقلاش ئارقىلىق،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى كۆرسىتە‌لە‌يسىز.‏

تە‌كرارلاش

  • ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

  • يە‌ھۋانى چىن قە‌لبىڭىزدىن سۆيىدىغانلىقىڭىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يسىز؟‏

  • يە‌ھۋاغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىزنى ساقلاشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

يە‌ھۋاغا ۋە جامائە‌تكە سادىق بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

‏«ۋاپادارلارغا كۆرسىتىسە‌ن ۋاپادارلىقىڭنى»‏ (‏49:‏16)‏

كىچىك بالىلارمۇ يە‌ھۋانى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏

‏«يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىڭ»‏ (‏16:‏8)‏

ياشلار تە‌ڭتۇ‌شلىرىنىڭ بېسىمىغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ خۇ‌داغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىنى قانداق ساقلاپ قالالايدۇ؟‏

‏«تە‌ڭداشلىرىڭىزنىڭ بېسىمىغا بە‌رداشلىق بېرىڭ!‏»‏ (‏59:‏3)‏