22-دەرس
باشقىلارغا خۇش خەۋەرنى قانداق يەتكۈزەلەيسىز؟
مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتلىرىنى ئۆگەنگەندە، بەلكىم سىز: «بۇنى ھەممە ئادەم بىلىشى كېرەك»،— دەپ ئويلىغانسىز. توغرا، بۇنى ھەممە ئادەم بىلىشى كېرەك. ئەمما، ئاشۇ ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى باشقىلارغا ئېيتماقچى بولغاندا، جىددىيلىشىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. كېلىڭ، جىددىيلىشىشنى قانداق يېڭىپ، خۇشاللىق بىلەن مۇقەددەس كىتابتىكى خۇش خەۋەرنى باشقىلارغا يەتكۈزەلەيدىغانلىقىڭىزنى مۇھاكىمە قىلايلى.
1. ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز تونۇيدىغان كىشىلەرگە قانداق ئېيتىپ بېرەلەيسىز؟
ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى مۇنداق دېگەن: «بىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز» (ئەلچىلەر 4:20). ئۇلار ھەقىقەتنى ناھايىتى قەدىرلەپ، ئۇنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك كىشىلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغان. سىزمۇ شۇنداق ئويلىغانمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ھۆرمەت بىلەن ئائىلىدىكىلىرىڭىزگە ۋە دوستلىرىڭىزغا ئېيتىپ بېرىشنىڭ پۈرسەتلىرىنى ئىزدەڭ.—كولوسىلىقلار 4:6-نى ئوقۇڭ.
سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ
-
ئائىلىدىكىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا: «مەن بۇ ھەپتە قىزىق نەرسىلەرنى ئۆگەندىم»، دەپ مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە سۆز باشلىسىڭىز بولىدۇ.
-
بىر دوستىڭىز ئاغرىۋاتقان ياكى غەم-ئەندىشە قىلىۋاتقان بولسا، مۇقەددەس كىتابتىكى بىر ئايەتنى ئىشلىتىپ، تەسەللى بېرىڭ.
-
ئەگەر ئىش ئورنىڭىزدا خىزمەتداشلىرىڭىز دەم ئېلىش كۈنلىرىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزنى سورىسا، مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىڭىزدە ياكى جامائىتىڭىزدە نېمىلەرنى ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ.
-
دوستىڭىزغا jw.org تور بېكىتىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ.
-
باشقىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى تىڭشاشقا تەكلىپ قىلىڭ ياكى ئۇلارنى تەتقىق ئۆگىنىشىنى باشلاش ئۈچۈن jw.org تور بېكىتىدە ئۆگىنىش ئىلتىماسىنى قانداق تولدۇرالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ.
2. نېمە ئۈچۈن جامائەت بىلەن خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش بەك مۇھىم؟
ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى پەقەت ئۆزلىرى تونۇيدىغان كىشىلەرگە خۇش خەۋەر ئېيتىش بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان. ئەيسا ئۇلارنى ئالدىن شەھەرگە ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتكەن ئىدى (لۇقا 10:1). شۇنداق تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلگەن ۋەز قىلىش خىزمىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. ئۇلار بىرلىكتە ۋەز ئېيتىپ، شاد-خۇراملىققا چۆمگەن (لۇقا 10:17). سىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە ۋەز ئېيتىش ئۈچۈن مەقسەت قويالامسىز؟
چوڭقۇرراق قېزىڭ
ۋەز خىزمەتتە جىددىيلىشىشنى قانداق يېڭەلەيدىغانلىقىڭىز ۋە خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىۋېلىڭ.
3. يەھۋا سىز بىلەن بىللە بولىدۇ
بەزىلەر ۋەز ئېيتىشنى خالىسىمۇ، بىراق «باشقىلار مەن توغرۇلۇق نېمە ئويلاپ قالار؟» ياكى «سۆزلىرىمگە قانداق ئىنكاس قايتۇرار؟» دەپ ئەنسىرەپ قورقۇشى مۇمكىن.
-
ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى باشقىلارغا ئېيتىشتىن قورققامسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟
فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
بەزى ياش يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۆز قورقۇنچلىرىنى قانداق يەڭگەن؟
يەشايا 41:10-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ۋەز ئېيتىشتىن قورققاندا، دۇئا سىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
سىز بىلەمسىز؟
نۇرغۇن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئىلگىرى، مەن ھەرگىزمۇ باشقىلارغا خۇش خەۋەرنى ئېيتالمايمەن دەپ ئويلىغان. مەسىلەن، سېرگېي مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى ئەرزىمەس ھېس قىلىپ، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشتىن قورقاتتى. بىراق، ئۇ مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە مەن قورقساممۇ، باشقىلارغا ئۆگەنگەنلىرىم ھەققىدە ئېيتىپ بېرىشنى باشلىدىم. ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، باشقىلارغا مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق ئېيتىپ بەرگەنسېرى، ئۆز-ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم ئاشتى ۋە ئىمان-ئېتىقادىممۇ مۇستەھكەملەندى».
4. باشقىلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىڭ
ۋەز ئېيتقاندا پەقەت نېمە ئېيتىش توغرۇلۇقلا ئەمەس، يەنە ئۇنى قانداق ئېيتىش توغرۇلۇق ئويلىنىپ كۆرۈڭ. 2-تىموتىي 2:24 ۋە 1-پېترۇس 3:15-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، مۇشۇ ئىككى ئايەتتىكى مەسلىھەتلەرگە قانداق قۇلاق سالالايسىز؟
-
بەزى تۇغقانلىرىڭىز ياكى دوستلىرىڭىز ئېيتقان سۆزلىرىڭىزنى قوبۇل قىلمىسا، سىز نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟ نېمە قىلىشتىن پەخەس بولۇشىڭىز كېرەك؟
-
ئۆز ئوي-پىكىرىڭىزنى باشقىلارغا زورلاپ تېڭىشنىڭ ئورنىغا، مۇلايىملىق بىلەن سوئاللارنى قويۇش نېمە ئۈچۈن ياخشىراق؟
5. خۇش خەۋەرنى ئېيتىش سىزنى خۇشاللىققا ئېرىشتۈرىدۇ
يەھۋا خۇدا ئەيسا مەسىھنى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن. ئەيسا بۇ خىزمەتكە قانداق قارىغان؟ يۇھاننا 4:34-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ياخشى تاماقلارنى يېيىش تەن-سالامەتلىكىمىزگە پايدىلىق ۋە بىزگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئەيسا نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشنى، شۇ جۈملىدىن خۇش خەۋەرنى ئېيتىشنى، تاماق يېيىش بىلەن سېلىشتۇرغان؟
-
باشقىلارغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش سىزگە قانداق خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟
مەسلىھەتلەر
-
ھەپتە ئارىسىدىكى جامائەت يىغىلىشلىرىنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلىپ، باشقىلار بىلەن قانداق سۆھبەت باشلاش توغرۇلۇق ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
سىز بىلەن ئۆگىنىۋاتقان گۇۋاھچىدىن ھەپتە ئوتتۇرىسىدىكى يىغىلىشتا تاپشۇرۇقلارنى ئېلىشقا قانداق يېزىلسا بولىدىغانلىقىنى سوراپ كۆرۈڭ. شۇ تاپشۇرۇقلار ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى باشقىلارغا قورقماي ئېيتىشنى ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.
-
«بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ» ياكى «بەلكىم، بەزىلەر مۇنداق سورايدۇ» دېگەن رامكىلارنى ئىشلىتىپ، كۆپ سورالغان سوئاللارغا ياكى قارشى ئوي-پىكىردە بولغانلارغا قانداق جاۋاب بېرىشنى مەشىق قىلىڭ..
بەلكىم، بەزىلەر مۇنداق سورايدۇ: «ئۇزۇن بولدى كۆرۈنمەيسىز. نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز؟ قانداق يېڭىلىقلار بار؟»
-
شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شۇنداق سورىغان كىشىگە ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى قانداق ئېيتىپ بېرەلەيسىز؟
خۇلاسە
باشقىلارغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش سىز ئويلىغاندەك شۇنچە تەس ئىش ئەمەس. ئەكسىنچە، ئۇ سىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ.
تەكرارلاش
-
نېمە ئۈچۈن خۇش خەۋەرنى ئېيتىش كېرەك؟
-
خۇش خەۋەرنى ئېيتقاندا، باشقىلارغا قانداق ھۆرمەت كۆرسىتەلەيسىز؟
-
سىز جىددىيلىشىشنى يېڭىپ، ۋەز ئېيتىشتىن قورقماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتە، jw.org ئالاقىلىشىش كارتىسىنى ئىشلىتىشنىڭ تۆت ئۇسۇلىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
«JW.ORG ئالاقىلىشىش كارتىسىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى» (43:1)
خۇش خەۋەرنى جاكارلاش ئۈچۈن قايسى تۆت پەزىلەت ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
«سىز ئادەم تۇتقۇچى بولۇشقا تەييارمۇ؟» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2020-يىل، سېنتەبىر)
گەرچە كىچىك بولساقمۇ، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جاسارەتلىك بولۇشىمىزغا مۇقەددەس كىتابتىكى بىر ئۈلگە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈڭ.
«يەھۋا جاسارەتلىك بولۇشىڭىزغا ياردەملىشىدۇ» (59:11)
ئەگەر ئائىلىدىكىلەر يەھۋا خۇدانى تونۇمىسا، ئۇلار بىلەن مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە سۆھبەتنى قانداق باشلاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
«يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس تۇغقانلىرىڭىزنىڭ ھەقىقەتنى تونۇشىغا ياردەم بېرىڭ» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2014-يىل، 15-مارت)