مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

6-‏دەرس

مەرھۇملار ئۈچۈن قانداق ئۈمىد بار؟‏

مەرھۇملار ئۈچۈن قانداق ئۈمىد بار؟‏

1.‏ ئۆلۈكلەر توغرىسىدا قانداق خۇش خەۋەر بار؟‏

ئەيسا يەر يۈزىدە ياشىغاندا،‏ ئۇنىڭ لازار،‏ دەپ ئاتىلىدىغان دوستى ئۆلۈپ كەتكەن.‏ ئۇ يېرۇسالېمغا يېقىن بەيتانىيا دېگەن يېزىدا تۇراتتى.‏ ئەيسا ئۇ يەرگە يېتىپ كەلگەندە،‏ لازارنىڭ ئۆلگىنىگە تۆت كۈنچە بولغانىدى.‏ شۇڭا،‏ ئۇ ئۆلگەن دوستىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى مارتا ۋە مەريەم بىلەن لازار دەپنە قىلىنغان جايغا باردى.‏ ئۇزۇن ئۆتمەي،‏ بىر توپ خالايىق ئۇ يەرگە يىغىلدى.‏ ھەزرىتى ئەيسا لازارنى تىرىلدۈرگەندە،‏ مارتا بىلەن مەريەمنىڭ قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟‏​‏—‏ يۇھاننا 11:‏21–‏24،‏38–‏44-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

مارتا ئۆلۈكلەر ھەققىدىكى خۇش خەۋەردىن ئاللىقاچان خەۋەردار ئىدى.‏ ئۇ يەھۋانىڭ ئۆلۈكلەرنى يەر يۈزىدە قايتا ياشاشقا تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلەتتى.‏​‏—‏ يەشايا 26:‏19-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.‏

2.‏ ئۆلۈكلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟‏

خۇدا ئادەم ئاتىغا:‏ «توپىدىن يارىتىلدىڭ،‏ شۇڭا يەنە توپىغا قايتىسەن!‏»—‏ دىدى (‏يارىتىلىش 3:‏19‏)‏.‏

ئىنسان توپىدىن يارىتىلغان (‏يارىتىلىش 2:‏7؛‏ 3:‏19‏)‏.‏ بىز روھلار ئەمەس،‏ بەلكى گۆش بىلەن قاندىن تۈزۈلگەن جىسمانىي مەۋجۇتلۇق.‏ شۇڭا،‏ ئۆلگەندىن كېيىن تېنىمىزدىن چىقىپ،‏ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان كۆرۈنمەيدىغان مەلۇم بىر قىسىمىمىز بولمايدۇ.‏ بىز ئۆلگەندە،‏ مېڭىمىز ھەم ئۆلۈپ،‏ ئوي-‏خىياللىرىمىز يوقىلىدۇ.‏ شۇ سەۋەب،‏ لازار ئۇ ئۆلگەندە نېمە ئىشنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى ھەققىدە بىر نەرسە دېگەن ئەمەس،‏ چۈنكى ئۆلۈكتە ھېچقانداق سېزىم بولمايدۇ.‏​‏—‏ زەبۇر 146:‏4؛‏ ۋەز 9:‏5،‏6،‏10-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

ئادەملەر ئۆلگەندىن كېيىن،‏ خۇدا ئۇلارنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئازابلامدۇ؟‏ مۇقەددەس كىتاب ئۆلۈكلەرنىڭ ھېچقانداق سېزىمى يوق دەپ كۆرسەتكەن ئىكەن،‏ دوزاخ ئوتى تەلىماتى بولسا ناھايىتى ئېنىقكى خۇداغا قىلىنغان تۆھمەت.‏ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىنسانلارنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئازابلاش كۆزقارىشى بەكمۇ يىرگىنچلىكتۇر.‏​‏—‏ يەرەمىيا 7:‏31-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.‏

‏«‏ئۆلگەنلەر قانداق ھالەتتە؟‏‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ

3.‏ ئۆلۈكلەر بىزگە گەپ قىلالامدۇ؟‏

ئۆلۈكلەر گەپ قىلالمايدۇ ياكى ئاڭلىيالمايدۇ (‏زەبۇر 115:‏17‏)‏.‏ ئەمما،‏ بەزى ئەسكى پەرىشتىلەر ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سىياقىدا كىشىلەرگە سۆز قىلىدۇ (‏يەھۇدا 6‏)‏.‏ يەھۋا بىزنى ئۆلۈكلەر بىلەن پاراڭلىشىشقا ئۇرۇنۇشتىن چەكلەيدۇ.‏​‏—‏ تەكرار قانۇن 18:‏10،‏11-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

4.‏ كەلگۈسىدە كىملەر تىرىلدۈرۈلىدۇ؟‏

مىليونلىغان ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر كەلگۈسىدە يەر يۈزىدە ھاياتلىققا قايتۇرۇلىدۇ.‏ ھەتتا بەزى خۇدانى تونۇمىغان ۋە يامان ئىشلارنى قىلغانلارمۇ تىرىلدۈرۈلىدۇ.‏​‏—‏​زەبۇر 37:‏29؛‏ ئەلچىلەر 24:‏15-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

كەلگۈسىدە تىرىلدۈرۈلىدىغان كىشىلەر خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ئۆگىنەلەيدۇ ۋە ئەيساغا بويسۇنۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەيساغا ئىشەنگەنلىكىنى كۆرسىتەلەيدۇ (‏ۋەھىيلەر 20:‏11–‏13‏)‏.‏ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىپ،‏ ياخشى ئىشلارنى قىلغۇچىلار يەر يۈزىدە مەڭگۈ ھاياتلىقتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.‏​‏—‏ يۇھاننا 5:‏28،‏29-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

5.‏ تىرىلىش بىزگە يەھۋا ھەققىدە نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟‏

خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى بىز ئىنسانلار ئۈچۈن تۆلەم قۇربانلىقى بېرىشكە ئەۋەتكەن.‏ شۇ تۆلەم ھەتتا ئۆلۈكلەرنى ھەم ئۈمىدكە ئېرىشتۈرگەن.‏ شۇڭا،‏ تىرىلىش بىزگە يەھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇھەببىتى ۋە رەھىم-‏شەپقىتى ھەققىدە ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ ئۆلۈكلەر ھاياتلىققا قايتۇرۇلغاندا،‏ سىز كىمنى كۆرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىسىز؟‏​‏—‏ يۇھاننا 3:‏16؛‏ رىملىقلار 6:‏23-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏