4-بۆلۈم
پۇلنى قانداق خىراجەت قىلىش كېرەك؟
«پىلانلار مەسلىھەت بىلەن بېكىتىلەر» (پەندى-نەسىھەت 20:18).
ئائىلىنى بارلىق كېرەكلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن پۇل كېرەك (پەندى-نەسىھەت 30:8). مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن پۇل ئادەمنى قوغدايدۇ (ۋەز 7:12). پۇلغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ئەر-ئايال ئۈچۈن ئاسان ئەمەس بولۇشى مۇمكىن، لېكىن پۇلنىڭ ئائىلىگە سوغاقچىلىق ئېلىپ كېلىشىگە يول قويماڭلار (ئەفەسلىكلەرگە 4:32). پۇلنى نېمىگە خىراجەت قىلىش توغرۇلۇق گەپ بولغاندا، ئەر-ئايال بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، مەسىلىنى ئەقىل تارازىسىغا سېلىشى كېرەك.
1. يەتتە ئۆلچەپ، بىر كەس
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرىڭلار مۇنار سالماقچى بولسا، ئۇ بالدۇر ئولتۇرۇپ، خىراجەتلىرى مۇنار سېلىپ تۈگىتىشكە يېتەمدۇ دەپ، بارلىق خىراجىتىنى ھېسابلاپ چىقماسمۇ؟» (لۇقا 14:28). خىراجەتنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىڭلارنى بىللە ئولتۇرۇپ پىلانلاش مۇھىم (ئاموس 3:3). سىلەرگە نېمىنىڭ ھەقىقىي كېرەكلىكىنى ۋە قانچىلىك پۇل سەرپ قىلىدىغىنىڭلارنى قارار قىلىڭلار (پەندى-نەسىھەت 31:16). يانچۇقىڭىزدا پۇل بولغانلىقى ئۈچۈنلا، بىرەر نەرسىنى سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئامال بولسا، قەرز ئالماڭلار. مۇمكىنچىلىكىڭلارغا قاراپ ياشاڭلار (پەندى-نەسىھەت 21:5؛ 22:7).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
ئاينىڭ ئاخىرىدا پۇلۇڭلار ئېشىپ قالسا، ئۇنى قانداق تەقسىم قىلىشنى بىرلىكتە قارار قىلىڭلار
-
ئائىلە دارامىتىڭلاردىن ئارتۇق چىقىم چىقسا، ئۇنى قانداق قىسقارتىشقا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭلار. مەسىلەن، سىرتتا تاماقلىنىشتىن كۆرە، ئۆيدە تاماق تەييارلىساڭلار بولىدۇ
2. ئوچۇق-يورۇق مۇئامىلە قىلىپ، توغرا كۆزقاراشتا بولۇڭ
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «پەقەت يەھۋانىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدىمۇ مۈلۈك بىلەن» راستچىل پايدىلىنىڭلار (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 8:21). قانچە پۇل تېپىپ، قانچىلىك خەجلەۋاتقانلىقىڭىزنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزدىن يوشۇرماڭ.
پۇل-بىساتقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قارارلارنى قىلغاندا، ئۆمۈرلۈك جورىڭىز بىلەن چوقۇم مەسلىھەتلىشىڭ (پەندى-نەسىھەت 13:10). پۇلغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئوچۇق-يورۇق مۇئامىلە قىلىشى ئىناقلىقنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. تاپاۋىتىڭىزنى پەقەت ئۆزىڭىزنىڭكى دەپ ھېسابلىماي، بەلكى ئائىلىڭىزنىڭ دەپ قاراڭ (تىموتىيغا 1-خەت 5:8).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
ھەربىرىڭلار ئۆز مەيلىڭلارچە قانچە پۇل خەجلەلەيدىغىنىڭلارنى كېلىشىۋېلىڭلار
-
پۇل ھەققىدە سۆزلىشىش ئۈچۈن، قىيىن مەسىلىنىڭ تۇغۇلۇشىنى كۈتۈشنىڭ ھاجىتى يوق