11-بۆلۈم
ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادنى كۆرسىتىش
بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىمان-ئېتىقادى بارلىقىنى جاكارلىشىدۇ. ئەمما، ئەيسا پەيغەمبەر كەلگۈسىدە ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادلىق كىشىلەر ناھايىتى ئاز بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەلىم بەرگەن. ئۇ: «ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا كەڭ ۋە يول ئازادە، ئۇنىڭدىن كىرىپ ماڭغۇچىلارمۇ كۆپ. ئەمما، ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا تار ۋە يول قىستاڭ، ئۇنى تاپىدىغانلار ئاز»،— دېگەن ئىدى.— مەتتا 7:13، 14.
بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادى بارلىقىنى قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟ ئەيسا مەسىھ، ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقاد ھەققىدە تەلىم بەرگەندە: «سىلەر ئۇلارنى مېۋىلىرىدىن تونۇۋالالايسىلەر. … ھەر بىر ياخشى دەرەخ ياخشى مېۋە بېرىدۇ، ھەر بىر يامان دەرەخ يامان مېۋە بېرىدۇ»،— دېگەن ئىدى (مەتتا 7:16، 17). شۇڭا، ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقاد — كىشىلەرنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئېسىل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە ئۈندەيدۇ. شۇ ئېسىل پەزىلەتلەر خۇددى «ياخشى مېۋە»گە ئوخشاشتۇر. ئۇلار نېمە ئىش قىلىش ئارقىلىق ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادنى كۆرسىتىدۇ؟
كۈچ-قۇدرەت ۋە ھوقۇقنى لايىقىدا ئىشلىتىش
ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادلىق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، خۇداغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ ۋە باشقىلارغا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. ئەيسا پەيغەمبەر: «ئاراڭلاردا كىم مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، سىلەر ئۈچۈن خىزمەتكار بولسۇن»،— دەپ تەلىم بەرگەن (ماركۇس 10:43). شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادلىق كىشىلەر مەيلى ئۆي ئىچىدە ياكى سىرتلاردا زومىگەرلىك قىلمايدۇ. ئۇلار ئۆز ئاياللىرىنى قەدىرلەپ ھۆرمەتلەيدۇ ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا تىرىشىدۇ. مۇقەددەس يازمىلار: «ئەي ئەرلەر، ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلار ۋە ئۇلارغا قوپال مۇئامىلە قىلماڭلار»،— دەيدۇ (كولوسىلىقلار 3:19). ھەمدە، «ئەي ئەرلەر، ئالغان بىلىمىڭلارغا يارىشا ئايالىڭلارغا مۇئامىلە قىلىڭلار. ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش ھاياتلىق ئىلتىپاتىغا مىراسخورلار بولغان ئىكەن، ئاياللارنى خۇددى نەپىس قاچىدەك ئەزىزلەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ»،— دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.— 1-پېترۇس 3:7.
ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادلىق ئاياللارنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇلار، «ئايالمۇ ئۆز ئېرىنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىسۇن»،— دېگەن بۇيرۇققا بويسۇنىدۇ (ئەفەسلىكلەر 5:33). ئۇلار «ئۆز ئەرلىرىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى» سۆيىدۇ (تىتۇس 2:4). ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادلىق ئاتا-ئانىلار ۋاقىت چىقىرىپ بالىلىرىغا ھەمرا بولىدۇ ۋە ئۇلارغا خۇدانىڭ قانۇنلىرى ۋە قائىدە-پرىنسىپلىرىنى ئۆگىتىدۇ. ھەممىلا جايدا، مەيلى ئۆيدە ياكى خىزمەت ئورنىدا بولسۇن، كىشىلەرگە ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسىتىپ، مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار»،— دېگەن نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ ياشايدۇ.— رىملىقلار 12:10.
ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادلىق كىشىلەر ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، ئۆزىگە بايلىق توپلىمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «پارا ئالمىغىن»،— دېگەن بۇيرۇققا بويسۇنىدۇ (چىقىش 23:8). ئۇلار باشقىلارغا، بولۇپمۇ غېرىب-مىسكىنلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن پۇرسەتلەرنى ئىزدەيدۇ. سەۋەبى، ئۇلار يازمىلاردىكى: «ياخشىلىق قىلىشنى ۋە ئۆزۈڭلاردا بارىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى، خۇدا بۇنداق قۇربانلىقلاردىن خۇرسەن بولىدۇ»،— دېگەن نەسىھەتنى ئېسىدە مەھكەم ساقلايدۇ (ئىبرانىيلار 13:16). شۇڭلاشقا ئۇلار، ئەيسا مەسىھنىڭ «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەختتۇر»،— دېگەن سۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.— ئەلچىلەر 20:35.
خۇدانىڭ ئادىللىق ئۆلچەملىرىنى چىڭ تۇتۇش
ھەقىقىي ئىمانلىق كىشىلەر خۇدانىڭ قانۇنلىرىغا خۇشاللىق بىلەن بويسۇنىدۇ، چۈنكى، ئۇلار ئۈچۈن «ئۇنىڭ ئەمرلىرى ئېغىر ئەمەس» (1-يۇھاننا 5:3). ئۇلار: «يەھۋانىڭ قانۇنى مۇكەممەلدۇر، … يەھۋانىڭ بۇيرۇقلىرى ئادىلدۇر، كۆڭۈلنى خۇشال قىلار. يەھۋانىڭ ئەمرى پاكتۇر، كۆزلەرنى روشەن قىلار»،— دېگەن ھېكمەتنى چۈشىنىپ يەتكەن.— زەبۇر 19:7، 8.
ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقاد كىشىلەرنى ھەرقانداق كەمسىتىشلەرنى تاشلاشقا ئۈندەيدۇ. شۇڭا، ھەق خۇدانى ئۈلگە قىلغۇچىلار، بىر مىللەت ياكى بىر دۆلەتنى يەنە بىردىن يۇقىرى دەپ باھالىمايدۇ ۋە جەمئىيەتتە كىشىلەرنى يۇقىرى-تۆۋەن قاتلاملارغا ئايرىمايدۇ. سەۋەبى، «خۇدا ھەممىنى تەڭ كۆرىدىكەن. قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭدىن قورقۇپ، توغرا ئىشلارنى قىلىدىغان ھەرقانداق كىشىنى قوبۇل قىلىدىكەن»،— دېگەن سۆزلەرنى، ئۇلار ياخشى بىلىدۇ.— ئەلچىلەر 10:34، 35.
ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادلىق كىشىلەر «ھەر ئىشتا راستچىل بولۇشنى» خالايدۇ (ئىبرانىيلار 13:18). ئۇلار يەنە غەيۋەت-شىكايەت ۋە تۆھمەت قىلىشتىن خالىي بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار، داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ زەبۇردا: «تىلى بىلەن تۆھمەت قىلمايدىغانلار، ئۆز قوشنىسىغا ھېچقانداق يامانلىق قىلمايدىغانلار»نى خۇدانىڭ مەقبۇل قىلىدىغانلىقىنى يېزىپ قالدۇرغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان.— زەبۇر 15:3.
خۇدانىڭ دانالىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش
ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادلىق كىشىلەر مۇقەددەس يازمىلارغا ئاساسەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. سەۋەبى، «مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن بولغان. ئۇ تەلىم بېرىش، تەنبىھ بېرىش، تۈزىتىش، ھەققانىيلىق يولىدا تەربىيىلەش ئۈچۈن پايدىلىقتۇر» (2-تىموتىي 3:16). ئۇلار باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىغاندا، «يۇقىرىدىن كەلگەن دانالىق»نى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. يەنى، ئۆزلىرىنىڭ «پاك، ئاندىن كېيىن تىنچلىقپەرۋەر، غەرەز ئۇقىدىغان، ئىتائەت قىلىشقا تەييار، رەھىم-شەپقەت ۋە ياخشى مېۋىلەرگە تولغان» كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ (ياقۇپ 3:17). ئۇلار «ئۆزۈڭلارنى بۇتلاردىن ساقلاڭلار»،— دېگەن بۇيرۇققا بويسۇنىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە جىنكەشلىك قاتارلىق ناچار قىلمىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ.— 1-يۇھاننا 5:21.
چىن سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىش
مۇسا پەيغەمبەر: «خۇدايىڭ يەھۋانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن»،— دېگەن (تەكرار قانۇن 6:5). پەقەت ئىمان-ئېتىقادلىق كىشىلەرلا خۇداغا شۇنىڭدەك سۆيگۈ-مۇھەببەتنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ يەھۋا دېگەن ئىسىمىنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە ئىشەنچ بىلەن «يەھۋاغا شۈكۈرلەر ئېيتىپ، ئۇنىڭ ئىسىمىنى» چاقىرىدۇ (زەبۇر 105:1). ئۇلار يەنە خۇدانىڭ «باشقىلارنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىدۇ (لاۋىيلار 19:18). زوراۋانلىق قىلىشتىن خالىي بولۇپ، «مۇمكىن بولسا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەممە ئادەملەر بىلەن تىنچ-ئىناق ئۆتۈڭلار» دېگەن نەسىھەتكە قۇلاق سالىدۇ (رىملىقلار 12:18). كۆچمە مەنىدە، «ئۇلار ئۆز قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى، نەيزىلىرىنى باغۋەن پىچاقلىرى سوقىدۇ» (يەشايا 2:4). ئۇلارنىڭ ئارىسىدا «سۆيگۈ» بولغاچ، دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا خۇشال-خۇرام ياشايدۇ (يۇھاننا 13:35). ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىق رىشتىسى ھەقىقەتەن چوڭقۇردۇر! بۈگۈنكى كۈندە، شۇنىڭدەك كىشىلەرنى قانداق پەرق قىلالايسىز؟