سەگەك تۇرۇڭلار!
سۈنئىي ئەقىل — پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ؟ — مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
يېقىندا دۇنيادىكى رەھبەرلەر، ئالىملار ۋە تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ياكى سۈنئىي ئىدراكنىڭ كۈچى توغرۇلۇق ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتۈشتى. ئۇلار سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تېخنىكىنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
«بۈگۈنكى كۈندە سۈنئىي ئەقىلنى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە ياخشىلايدىغان ئەڭ كۈچلۈك بىر تېخنىكا دېيىشكە بولىدۇ. . . . شۇنداق بولسىمۇ، سۈنئىي ئەقىل بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىققا تەھدىت ئېلىپ كېلىشى، كىشىلىك ھوقۇققا ۋە شەخسىي مەخپىيەتلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىشى، شۇنىڭدەك خەلقنىڭ دېموكراتىيىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىشىغا ئاساس بولۇشى مۇمكىن».—ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى كامالا خارىس، 2023-يىل، 4-ماي.
دوكتۇر. فرېدېرىك فېدېرسپېل يېتەكچىلىكىدە بىر توپ دوختۇرلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر، 2023-يىل، 9-ماي كۈنى، «دۇنيا ساغلاملىقى» ژۇرنىلىدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇلار مۇنداق دېگەن: «گەرچە سۈنئىي ئەقىل تىببىي داۋالاشتا كۆپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا پايدىلىق بولسىمۇ، ئۇ جىسمانىي ۋە ھېسسىي ساغلاملىقىمىزغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن» (BMJ Global Health) a.
«ئادەملەر ئاللىقاچان سۈنئىي ئىدراكنى يالغان مەلۇماتلارنى تارقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتەلەيدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، سۈنئىي ئىدراك ئادەملەرنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىپ، ئۇلارنى ئىشسىز قالدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئىشلەيدىغان بەزى كىشىلەر سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسانىيەتكە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەيدۇ».—«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»، 2023-يىل، 1-ماي.
سۈنئىي ئەقىل ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ؟ بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئېنىق بولىدۇ. مۇقەددەس كىتاب بۇ توغرۇلۇق نېمە دەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ كەشپىياتلىرى كىشىنى غەم-تەشۋىشكە سالىدۇ؟
پەن-تېخنىكا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ئەمما ئىنسانلار ئىلغار تېخنىكىنىڭ پەقەت پايدىلىق ئۇسۇلدا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ مۇقەددەس كىتاب بىزگە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرىدۇ:
1. گەرچە ئادەملەرنىڭ نىيەتلىرى ياخشى بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىنى ئالدىن كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن.
«قارىماققا ئادەمگە توغرا كۆرۈنىدىغان يول بار، ئەمما ئۇ ئاخىرىدا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارار».—پەندى-نەسىھەت 14:12.
2. بىر تەتقىقاتچى ئۆزىنىڭ كەشپىياتىنى باشقىلارنىڭ توغرا ياكى قالايمىقان ئىشلىتىشىنى كونترول قىلالمايدۇ.
«ھەممىسىنى مەندىن كېيىن كېلىدىغان كىشىگە قالدۇرۇپ كېتىشىم كېرەك. ئۇ كىشىنىڭ دانا ياكى نادان بولۇشىنى كىم بىلىدۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا، قوياش ئاستىدا تىرىشىپ-تىرمىشىپ، ھېكمەت بىلەن ئېرىشكەن ھەممە نەرسىلىرىمگە ئۇ ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ».—ۋەز 2:18، 19.
بۇ نېمە ئۈچۈن ياراتقۇچىمىزنىڭ يول-يورۇقىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ.
كىمگە ئىشەنسەك بولىدۇ؟
ياراتقۇچىمىز ئىنسانلارنىڭ ياكى ئۇلارنىڭ تېخنىكىسىنىڭ يەر يۈزىنى ياكى ئىنسانىيەتنى ھالاك قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.
«يەر يۈزى مەڭگۈ قالار».—ۋەز 1:4.
«ھەققانىيلار يەر يۈزىگە ئىگە بولار، ئۇلار يەردە مەڭگۈ ياشار».—زەبۇر 37:29.
ياراتقۇچىمىز مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق بىزگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، كېلەچەكتە بىخەتەر ۋە تىنچ-ئامان ھايات كەچۈرىمىز. مۇقەددەس كىتابتا نېمە دەيدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن، «پارلاق كېلەچەككە ئېرىشىشكە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟» ۋە «كېلەچەككە بولغان ھەقىقىي ئۈمىد» ناملىق ماقالىلەرنى ئوقۇڭ.
a فرېدېرىك فېدېرسپېل، رۇت مىتچېل، ئاشا ئاسوكان، كارلوس ئۇمانا ۋە دېيۋىد ماككوي قاتارلىقلار يازغان «سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بولغان تەھدىتى» ناملىق ماقالىدىن نەقىل كەلتۈرۈلدى.